نامىنى يۆتكىمىگەن ئۆي- مۈلۈك دەۋاغا چېتىلىپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلسا، ھوقۇقىنى قانداق قوغدىغاندا زىياننى توختاتقىلى بولىدۇ؟
نامىنى يۆتكىمىگەن ئۆي- مۈلۈك دەۋاغا چېتىلىپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلسا، ھوقۇقىنى قانداق قوغدىغاندا زىياننى توختاتقىلى بولىدۇ؟
مەردان مەدەنىيەت، مەريەم
2019- يىلى 5- ئايدا، سۈن Xنىڭ ئاتا- ئانىسى كېلىشىم بىلەن ئاجراشقان، كېلىشىمدە مەلۇم جايدىكى ئۆيلۈك يەر ۋە شۇ يەرگە سېلىنغان ئۆينى ئەينى چاغدا قۇرامىغا يەتمىگەن سۈن Xكە تەۋە بولىدۇ دەپ پۈتۈشكەن. سۈن X شۇ چاغدا قۇرامىغا يەتمىگەن بولغاچقا، مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ۋاقتىنچە بېجىرەلمىگەن، دېلوغا چېتىشلىق ئۆي- مۈلۈك سۈن Xنىڭ دادىسىنىڭ نامىغا تىزىملانغان بولۇپ، سۈن X قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ۋاقتىدا نامى يۆتكەلمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سۈن Xنىڭ دادىسى كۆپ قېتىم قەرز ماجىراسىغا چېتىلغانلىقتىن، بۇ ئۆي- مۈلۈك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم قانۇن بويىچە ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان. سوت مەھكىمىسى ھەر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تەرتىپىدە، ئالاقىدار ئىشلارنى سۈن Xنىڭ دادىسىغا يازمىچە ئۇقتۇرغان، ئەڭ ئاخىرىدا دېلوغا چېتىشلىق ئۆي- مۈلۈك 200 مىڭ يۈەنگە پۈتۈشۈلگەن. 2025- يىلى 8- ئايدا، سوت مەھكىمىسى دېلوغا چېتىشلىق ئۆي- مۈلۈك ئورنىغا ئۇقتۇرۇش چاپلاپ، ئۆي- مۈلۈكنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەم سۈن Xنىڭ دادىسىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئۆيدىكى بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، ئۆينى بىكار قىلىشقا بۇيرۇغان. 2025- يىلى 11- ئايدا، سۈن X سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق ئۆيلۈك يەرنى ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى توختىتىشنى ھەم ئۆزىنىڭ شۇ ئۆيلۈك يەر ۋە شۇ جايغا سېلىنغان ئۆيگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
1- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، سۈن X بىلەن دادىسىنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار، دېلوغا چېتىشلىق ئۆي- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا ئالاقىدار پاكىتلارنى بىلىشى كېرەك، لېكىن ئۇ ھەم ئىجرا تەرتىپى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئىجراغا قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، ھەم ئۆزىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرمىگەن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، سۈن Xنىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلغان. سۈن X قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
2- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق ئۆي- مۈلۈك باشتىن- ئاخىر سۈن Xنىڭ دادىسىنىڭ نامىدا تىزىملانغان، سوت مەھكىمىسى ھەر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش جەريانىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈن Xنىڭ دادىسىغا ئۇقتۇرغان، سۈن X ئۇنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆي- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئىجرا قىلىش ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىشى، ئېنىقلا قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ھازىرقى بار بولغان دەلىل- ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سۈن X ئىجراغا قارىتا باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، دېلوغا چېتىشلىق ئۆي- مۈلۈكنىڭ ئىجرا قىلىنىش تەرتىپى ئاخىرلاشقان، ئۇ ئۆزىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، مۇناسىپ قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 1- سوت كېسىمىدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا، سۈن Xنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى كەمچىل، قوللاشقا بولمايدۇ، دەپ قاراپ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.
«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجراغا قارىتا باشقىچە پىكىر بولغان ۋە قايتا قاراپ چىقىلىدىغان دېلولارنى بېجىرىشكە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»نىڭ 6- ماددىسىدا: «دەۋالاشقۇچىلار، مەنپەئەتدارلار ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 225- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئىجرا تەرتىپى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، لېكىن ئىجرانى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرىگە باشقىچە پىكرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. دېلو سىرتىدىكى كىشىلەردىن ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 227- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىرى، باشقىچە پىكىردە كۆرسىتىلگەن ئىجرا نىشانىنى ئىجرا قىلىش ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ ئىجرا نىشانىنى دەۋالاشقۇچىلار قوبۇل قىلغان بولسا، ئىجرا تەرتىپى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
سودىيەنىڭ ئەسكەرتىشى: ئىجراغا قارىتا باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلىتى ئېنىق بولىدۇ، دېلو سىرتىدىكى كىشى ئىجرا نىشانىنى ئىجرا قىلىش تەرتىپى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ئىجرانى توسقان ئەمەلىي گەۋدىنىڭ ھوقۇقىغا قارىتا باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىش تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، پۈتۈشۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز كۆچمەس مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزىملىتىشنى كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلغان، ھەدىيە قىلىش، ئاجرىشىش كېلىشىمىدە پۈتۈشۈش قاتارلىق مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى پۈتۈمى مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، دەۋالاشقۇچىلار مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرمەي، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەسلىك سەۋەبىدىن مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنىڭ گۇمانلىق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى، ياكى ئەسلىدىكى تىزىملاتقان ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قەرز ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئۆي- مۈلۈكنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. سودىيە بۇ يەردە كەڭ ئاممىغا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە جەزمەن ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئارقىلىق خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىدۇ.
(«بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلىنىڭ 2026- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى)
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نۇرىمانگۈل نۇرغۇجى